47:7 ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ



﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّـهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ ﴾  (47:7)
[47:7] {ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقاياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.}
تەپسىرۇل مۇيەسسەر تەپسىرى:
ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن شەرىئەت بويىچە ئەمەل قىلىدىغانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە جەڭ مەيدانىدا قەدەملىرىڭىلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
تەپسىرنىڭ ئەرەبچە تېكىستى: يا أيها الذين صدَّقوا الله ورسوله وعملوا بشرعه، إن تنصروا دين الله بالجهاد في سبيله، والحكم بكتابه، وامتثال أوامره، واجتناب نواهيه، ينصركم الله على أعدائكم، ويثبت 
أقدامكم عند القتال
 
ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈم بويىچە ئىش كۆرەيلى
ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىگىنىدىن يانايلى.
بۇ ۋە بۇ بۇنىڭ باراۋىرىدىكى ئايەتلەردىن مەلۇم بولغىنى شۇكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بۇنىڭسىز كەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشتىكى پىرىنسىپى بۇدۇر. كىمدە كىم بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئەمەس، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
 
جىھادنىڭ ئېنىقلىمىسى:
«جىھاد» لۇغەتتە قىيىنچىلىققا قارشى ئەڭ يۇقىرى چەكتە غەيرەت كۆرسىتىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. «جىھاد»نىڭ شەرئىي مەنىسى «ھەق دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت كۆرسىتىش» دېگەندىن ئىبارەتتۇر. (مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى رەھىمەھۇللاھ)
 
جىھادنىڭ تۈرلىرى:
ئىسلام شەرىئىتىدە جىھاد تۆت تۈرلۈك بولىدۇ. 1. نەپسىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھاد. 2. شەيتانغا قارشى قىلىنىدىغان جىھاد. 3. كاپىرلارغا قىلىنىدىغان جىھاد. 4. مۇناپىقلارغا قارشى قىلىنىدىغان جىھاد.
 
[نەپسىي جىھاد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى]
نەپسىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھادقا كەلسەك، ئۇ مۇنۇ باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئۆگىنىش جەھەتتە نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش. دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ نەپىسنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى بۇ ھەق دىن (ئىسلامغا) باغلىقتۇر. ئىسلام شەرىئىتىنى بىلىشتىن مەھرۇم قالغۇچى ھەر ئىككى دۇنيادا بەختسىزلىككە دۇچار بولىدۇ.
(2) ھەق دىننى ۋە توغرا يولنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆگەنگەنلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش جەھەتتە نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش. دىنىي بىلىمنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلماسلىق كىشىگە پايدا بەرمەيدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ دىندىن بىلگىنىگە ئەمەل قىلمىغۇچىنى دىننى بىلمەيدىغان جاھىل كىشىدىنمۇ ناچار، پەس، بەدبەخ كىشى دېگەن. —رىيازۇس سالىھىن شەرھىگە قارالسۇن،ت(
(3) ئىنسانلارنى دىنغا چاقىرىش ۋە بىلمەيدىغانلارغا دىننى ئۆگىتىش جەھەتتە نەپسىگە قارشى جىھاد. دىنىي بىلىمنى ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىپ، ئەمما كىشىلەرنى دىنغا چاقىرمىغان كىشى ھىدايەتنى، دىنىي ئىلىمنى كىشىلەردىن يوشۇرغانلار قاتارىدا بولىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ ئىلىمى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇنى قۇتقازمايدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أيما رجل آتاه الله تعالى علما فكتمه، ألجمه الله يوم القيامة بلجام من نار))  «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ئىلىم ئاتا قىلسا، كىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ ئىلىمنى (ياخشىلىق يوللىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەي) يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سالىدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2965؛ سەھىھ جامىئ 2714؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)

(4) ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدىكى قىيىنچىلىق، مۇشەققەتلەرگە ۋە خەلقنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىش ۋە بۇ قارشىلىقلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش جەھەتتە نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش. كىشى نەپسىگە قارشى جىھادنىڭ بۇ تۆت تۈرىنى كامىل ئادا قىلغان تەقدىردە رەببانىلاردىن بولىدۇ. سەلەپ ئالىملىرى بىر ئالىمنىڭ «رەببانى» لىق دەرىجىسىگە لايىق بولۇشى ئۈچۈن ھەقنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنىڭ ۋە ھەقنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئورتاق پىكىردە. پەقەت مۇشۇ خىلدىكى بىلگە، ئەمەل قىلغان ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەرلا ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن «ئۇلۇغ كىشى» دەپ چاقىرىلىدۇ. (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قەييىمنىڭ «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

والنَّصر والنُّصرة: العون، قال تعالى: ﴿ نَصْرٌ مِنَ اللَّهِ ﴾ [الصف: 13]، ﴿ إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ ﴾ [النصر: 1]، ﴿ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ ﴾ [الأنبياء: 68]، ﴿ إِنْ يَنْصُرْكُمُ اللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ﴾ [آل عمران: 160]، ﴿ وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ ﴾ [البقرة: 250]، ﴿ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ ﴾ [الروم: 47]، ﴿ إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا ﴾ [غافر: 51]، ﴿ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ ﴾ [التوبة: 74]، ﴿ وَكَفَى بِاللَّهِ وَلِيًّا وَكَفَى بِاللَّهِ نَصِيرًا ﴾ [النساء: 45]، ﴿ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ ﴾ [البقرة: 107]، ﴿ فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ ﴾ [الأحقاف: 28]، إلى غير ذلك من الآيات.


رابط الموضوع: https://www.alukah.net/sharia/0/94710/#ixzz6Il9sN800


ئىزدەش كەلىمىسى: ئاللاھ كىمگە ياردەم بېرىدۇ؟

Yorumlar