4:1 ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان، ئۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان زاتتۇر
[4:1] يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً ۚ وَاتَّقُوا اللَّـهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا
[4:1] ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان، ئۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان زاتتۇر. بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲ تىن قورقۇڭلار، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەپسىر مۇيەسسەر تەپسىرى:
[4:1] ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداپ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن — ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن — ياراتقان، ئۇنىڭدىن جۈپتى ھەۋۋانى ياراتقان، ئۇ ئىككىسىدىن زېمىننىڭ ھەر قايسى جايلىىرىدا نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان زاتتۇر. بىر - بىرىڭلاردىن ھاجىتىڭلارنى سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲنىڭ سىلەرنى ھەر قانداق چاغدا كۆرۈپ تۇرىدىغىنىنى بىلىڭلار، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ﷲ ھەممە ئەھۋالىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەپسىرنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
يا أيها الناس خافوا الله والتزموا أوامره، واجتنبوا نواهيه؛ فهو الذي خلقكم من نفس واحدة هي آدم عليه السلام، وخلق منها زوجها وهي حواء، ونشر منهما في أنحاء الأرض رجالا كثيرًا ونساء كثيرات، وراقبوا الله الذي يَسْأل به بعضكم بعضًا، واحذروا أن تقطعوا أرحامكم. إن الله مراقب لجميع أحوالكم.
Yorumlar
Yorum Gönder