3:162، 3:163 - ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئىزدىگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولغۇچى




[3:162] ﴿أَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللَّـهِ كَمَن بَاءَ بِسَخَطٍ مِّنَ اللَّـهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
[3:162] ﴿(ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇق، چەكلىمىلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەگىشىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى بىلەن (شېرىك، مۇناپىقلىققا، بىدئەتلەرگە ۋە ھارام ئىشلارغا چۆكۈپ كېتىش بىلەن) ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولغان كىشى ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولغۇچىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾
[3:163] ﴿هُمْ دَرَجَاتٌ عِندَ اللَّـهِ ۗ وَاللَّـهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
[3:163] ﴿ئۇلار (ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولغان كىشىلەر) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەرلىق دەرىجىلەرگە ئىگە. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ﴾
 

Yorumlar