3:104 سۈرە ئالى ئىمران، 104-ئايەتنىڭ تەپسىرى
[3:104] ﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ ﴾
[3:104] ﴿(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياخشىلىققا (ئىسلامغا) چاقىرىپ، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە بۇيرۇلغان) خەيرلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە چەكلەنگەن، لەنەتلەنگەن ۋە دوزاخ بىلەن خەۋەر بېرىلگەن) يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولسۇن. ئەنە شۇلار (دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ) مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر.﴾
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من رأى منكم منكراً فليغيره بيده فإن لم يستطع فبلسانه ، فإن لم يستطع فبقلبه وذلك أضعف الإيمان)) «سىلەردىن كىم دىندا چەكلەنگەن بىر ناتوغرا ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنى سۆز بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىمۇ قىلالمىسا، ئۇ يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرسۇن. يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدۇر.» (سەھىھ مۇسلىم، 59-ھەدىس)
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، بۇنداق بولمايدىغان، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئ 7070)
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه أوشك أن يعمهم الله بعقابه))«ئەگەر كىشىلەر يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىسا، ئاللاھ پات ئارىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 4338، تىرمىزى 2167، ئىبنى ماجە 4005؛ مۇسنەد ئەھمەد، مۇھەددس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يامانلىقنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.»( أن الآيات والأخبار تدل على أن كل مَن رأى منكراً فسكت عنه : عصى)(مۇختەسەر مىنھاج قاسىدىن،124)
ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىشى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇشقا قادىر بولالىغان ۋە بۇنى قىلىش سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ئىجمائقا كېلىنگەن ئىشتۇر. ناۋادا، كىشى يامانلىقتىن توسۇش سەۋەبلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ يامانلىقنى قەلبىدە ئىنكار قىلىشى، يامانلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىشى ۋە يامانلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ.»(تەپسىر قۇرتۇبى، 6-جىلد، 253)
ئەللامە ئىبنى باز:«يامانلىقنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن شۇ يامانلىقنى توسىدىغان باشقا بىرى بولمىغان ۋە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىشقا قۇربى يەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى پەرز ئەين بولىدۇ.» (وقد يكون الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر فرضَ عينٍ ، وذلك في حق من يرى المنكر وليس هناك من ينكره وهو قادر على إنكاره)-(ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 3\212)
Yorumlar
Yorum Gönder