سۈرە ھەشر، 23-ئايەتنىڭ ئوچۇق تەرجىمىسى

سۈرە ھەشر، 23-ئايەتنىڭ ئوچۇق تەرجىمىسى
﴿هُوَ اللَّـهُ الَّذِي لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّـهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ ﴾ 59:23
﴿ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ھەق ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئەلمەلىكتۇر (جانلىق ۋە جانسىز ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى، پۈتكۈل كائىناتنىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر)، ئەلقۇددۇستۇر (پاكتۇر)، ئەسسالامدۇر (زاتىدا، سۈپىتىدە ۋە پېئىللىرىدا بارچە ئەيب-نۇقساندىن خالىيدۇر)، ئەلمۇئمىندۇر (رەسۇل ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەقلىقىنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن روشەن دەلىللىرى بىلەن تەستىقلىغۇچىدۇر)، ئەلمۇھەيمىندۇر (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر)، ئەلئەزىزدۇر (يۈكسەك كۈچ ساھىبى ۋە يېڭىلمەس غالىبتۇر)، ئەلجابباردۇر (پۈتۈن بەندىلىرىگە ھاكىم بولغۇچى ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى زاتتۇر)، ئەلمۇتەكەببىردۇر (بۈيۈكلۈك ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ يېگانە ساھىبىدۇر). ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ  (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۆزىگە توختاۋسىز رەۋىشتە ئىسيانكارلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھنى سۈپەتلەشتە ياكى ئىبادەت قىلىشتا) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغانلىرىدىن پاكتۇر.سۈرە ھەشىر، 23-ئايەت
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى (mujtehid.blogspot.com)

Yorumlar