2:255 ئايەتۇل كۇرسىنىڭ ئوچۇق تەرجىمىسى
ئايەتۇل كۇرسى
﴿ئاللاھ ئىبادەت ۋە قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر. ئاللاھ بارچە ئۈستۈن ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە، ئەزەلدىن ۋە ئەبەدىلئەبەد تىرىكتۇر. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقاتقا ۋە ھېچنەرسىگە موھتاج بولماستىن ئۆزىنى ئۆزى ساقلىغۇچى ۋە پۈتكۈل كائىناتنى، بارچە مەخلۇقاتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىپ ، كائىناتتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنى مۈگدەك باسمايدۇ، ئۇيقۇ تۇتمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغۇچە (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا (ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ) شاپائەت قىلالايدىغان كىم بار؟ ئاللاھ (ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ) كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ھېچكىم (ئاللاھنىڭ زاتى ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرۇلۇق) ئاللاھ (كىتابلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە بىلدۈرگەندىن باشقا نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ (ئوخشىشى يوق، مەخلۇقاتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان، قانداقلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئىككى پۇتى تۇرىدىغان) كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قورشاپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاپ تۇرۇش ئاللاھقا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاللاھ (زاتى ۋە سۈپىتى بىلەن ئۆزى ياراتقان ۋە پادىشاھلىقىنى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ھېچبىر مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ئەمەستۇر، ئاللاھ ئۆز زاتى بىلەن ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر ۋە ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر، (ئاللاھ تەڭداشسىزلىقنى ۋە بارچە بۈيۈك سۈپەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغۇچى زات بولۇپ، ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر، ئاللاھتىن چوڭ ھېچ نەرسە يوق، ئاللاھ ھەممىدىن) ئۇلۇغدۇر.﴾ (سۈرە بەقەرە، 255-ئايەت) 2:255
Yorumlar
Yorum Gönder