9:29 ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدىغان، ئاللاھ ھارام قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان
قَاتِلُوا الَّذِينَ
لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ
مَا حَرَّمَ اللَّـهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الْحَقِّ
مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حَتَّىٰ يُعْطُوا الْجِزْيَةَ عَن
يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ
ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھقا ۋە
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدىغان، ئاللاھ ھارام قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ ھارام
قىلغان ئىشلارنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان، ھەق دىننى دىن قىلىپ تاللىمىغان يەھۇدىي
ۋە ناسارالارغا قارشى، تاكى ئۇلار ئۆز قولى بىلەن خار ھالەتتە جىزيە تۆلىگەنگە
قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار. (9-سۈرە تەۋبە، 29-ئايەت)
بۇ ئايەتنىڭ
تەپسىرى:
أيها المسلمون
قاتلوا الكفار الذين لا يؤمنون بالله، ولا يؤمنون بالبعث والجزاء،
ولا يجتنبون ما نهى الله عنه ورسوله، ولا يلتزمون أحكام شريعة الإسلام
من اليهود والنصارى، حتى يدفعوا الجزية التي تفرضونها عليهم بأيديهم
خاضعين أذلاء.
[9:29] ئى مۇسۇلمانلار!
ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغان، ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە ۋە ئەمەللەرگە جازا
ياكى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ھارام قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ
ھارام قىلغان ئىشلاردىن قول ئۈزمەيدىغان، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكمىنى
يۈرگۈزمەيدىغان يەھۇدى ۋە ناسارا كاپىرلىرىغا قارشى ـــ تاكى ئۇلارغا بەلگىلەنگەن
جىزيەنى بويۇن ئەگەكەن ھالدا، خار ھالەتتە ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرغانغا قەدەر ـــ ئۇرۇش
قىلىڭلار.(تەپسىرۇل مۇيەسسەر)
Yorumlar
Yorum Gönder