تەفىسىرۇل مۇيەسسەر: ئەلەق سۈرىسى تەپسىرى
تەفىسىرۇل
مۇيەسسەر: ئەلەق سۈرىسى تەپسىرى
96-سۈرە ئەلەق سۈرىسى تەپسىرى
قۇرئان تەپسىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى
ناھايىتى
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
[96:1] ئى
پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى مەخلۇقاتنى ئۆزى يالغۇز ياراتقان
رەببىڭنىڭ ئىسمىنى بىلەن باشلاپ ئوقۇغىن!
[96:2] رەببىڭ
ئاللاھ ھەربىر ئىنساننى قېنىق قىزىل رەڭدىكى قان ئۇيۇلمىسىدىن ياراتقاندۇر.
[96:3] ئى
پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغاننى ئوقۇ! شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئاللاھ چەكسىز نېئمەت
ساھىبىدۇر، تولىمۇ مەرتتۇر.
[96:4] ئاللاھ
بەندىلىرىگە قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى.
[96:5]
ئاللاھ ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇنى جاھالەتنىڭ
قاراڭغۇلىقىدىن ئىلىمنىڭ يورۇقلىقىغا چىقاردى.
[7~96:6]
ھەقىقەت شۇكى، بايلىق ئىنساننى ھەددىدىن ئاشۇرغاندا، ئىنسان ھەقتىن ئېزىپ ئاللاھ
بەلگىلىگەن چەك-چېگرالارنى دەپسەندە قىلىدۇ.
[96:8] ئۇ
ھالدا، بارچە ئازغۇنلار بىلسۇنكى، قايتىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغىدۇر. ئاللاھ ھەر بىر
ئىنسانغا قىلغان ئىشىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.
[12~96:9] رەببى
ئۈچۈن ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىمىز مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نى
توسقان ئاشۇ كىشىنىڭ (يەنى ئەبۇ جەھىلنىڭ) ئازغۇنلىقىدىنمۇ بەكراق ھەيران قالارلىق
بىر ئىشنى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ ئۇ ناماز ئوقۇغۇچى توغرا يولدا بولغان بولسىچۇ! بۇنداق
ئىكەن قانداقسىگە ئۇنى توسىدۇ؟ ياكى ئۇ تا تەقۋالىققا بۇيرىيدىغان بولسىچۇ! ئۇنى
مۇشۇنىڭدىن توسماقچىمۇ؟
[19~96:13]
ئۇ توسقۇچى ئۆزىگە دەئۋەت قىلىنغان ئىشنى يالغانغا چىقىرىپ يۈز ئۆرۈسە (ھالى
قانداق بولىدۇ)؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىنى ئاللاھنىڭ كۆرۈپ
تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئىش ھەرگىزمۇ ئەبۇ جەھلنىڭ داۋا قىلغىنىداك ئەمەس.
ئەگەر ئۇ دۈشمەنلىكتىن ۋە ئەزىيەت بېرىشتىن ۋاز كەچمىسە، قەسەم بولسۇنكى، ئۇنىڭ
ماڭلىيىدىن قاتتىق تۇتۇپ جەھەننەمگە ئاتىمىز. ئۇنىڭ ماڭلىيى سۆزىدە يالغانچى ۋە
قىلمىشىلىرىدا گۇناھكار بولغان (بىرىنىڭ) ماڭلىيىدۇر. بەئەينى يالغانچىلىق ۋە
گۇناھ شۇ ماڭلىيىدىن بىلنەشمەكتە. ئۇ ئازغىن ئۆز تەرەپتارلىرىنى مەيدانغا
چاقىرسۇن! بىز ئازاپ پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز. ئىش ئەبۇ جەھل ئويلىغاندەك ئەمەس.
ئى پەيغەمبەر! ئۇ ساڭا ھەرگىز زىيان سالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامىزىڭنى
تەرك ئېتىشكە چاقىرىشىغا قۇلاق سالمغىن! سەن رەببىڭگە سەجدە قىلغىن ۋە ئۆزۈڭنى
ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن ياخشى كۆرگۈزۈش ئارقىلىق يېقىنلاشقىن.
Yorumlar
Yorum Gönder