فاتىھە سۈرىسىنى مۇنداق چۈشىنىمىز

فاتىھە سۈرىسىنى مۇنداق چۈشىنىمىز
 
ئىمام تەبەرىنىڭ تەپسىرىدىن ئابدۇللاھ تارىمى تەرجىمە قىلدى

ئىمام تەبەرى مۇنداق دەيدۇ:
فاتىھە سۈرىسىدىكى ئاللاھقا ھەمد، ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە ماختاش – ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بەندىلىرىگە ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر. بۇ شۇنداق ئەسلىتىشكى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان لۇتف-مەرھىمىتى ئۈچۈن بەندىلەر ئاللاھنى ياد ئەتكەي، ئاللاھ ئاتا قىلغان نېئمەتلەر سەۋەبلىك ئاللاھقا ھەمد ئېيتقاي، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئاتا قىلىدىغان نېئمەتلەرنىڭ تېخىمۇ بۈيۈكلىرىگە لايىق بولۇپ، ئاللاھ بېرىدىغان ساۋابلارنى قولغا كەلتۈرگەي.
فاتىھە سۈرىسىدە ئاللاھ ({سەن نېئمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغان باشلىغىن} ئايىتى ئارقىلىق) ئاللاھنى تونۇش نېئمىتى بېرىلگەن ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش لۇتفىغا ئېرىشكەن بەندىلىرىنى زىكىر قىلىشى ـــ كىشىلەر ئىگە بولغان پۈتۈن دىنىي ۋە دۇنياۋىي نېئمەتلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئۇلارغا (يەنى ھەر-بىر مۆمىن مۇسۇلمانغا) بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
ئاللاھ يەنە شۇنى زىكىر قىلغانكى، بەندىلەر ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى، ئىبادەت قىلىنغان باشقا بۇتلاردىن ۋە باتىل «ئىلاھ» لاردىن ئەمەس، پەقەتلا ئاللاھتىن تىلىگەي ۋە ھاجەتلىرى ئۈچۈن پەقەتلا ئاللاھقا يالۋۇرغاي.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ فاتىھە سۈرىسىدە يەنە ({غەزىپىڭگە يولۇققانلار ۋە ئازغانلار} دېيىش ئارقىلىق) ئۆزىگە ئىسيانكارلىق قىلغانلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرگەن پالاكەتلەرنى، بۇيرۇقىغا قارشى چىققانلارغا بەرگەن جازالارنى بايان قىلىشى بەندىلەر گۇناھ ئىشلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، بەندىلەر گۇناھ ئىشلىگەن مۇددەتتە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈش ۋە بەندىلەرنى گۇناھ ئىشلەشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈندۇر.
ئەگەر بەندىلەر قورقماستىن گۇناھ ئىشلەۋەرسە، ئاللاھ گۇناھ ئىشلىگەن قەۋملەرنىڭ بېشىغا ئىلگىرى ھالاك بولغان (پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىشتىن باشقا، خارلىقتا قېلىپ، ياكى دۈشمىنىنىڭ قىيىن قىستىقىدا قېلىشمۇ ھالاك بولۇش تۈرلىرىدىن بىرىدۇر) ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ئازابىنى ئەۋەتىدۇ. كېيىنكى گۇناھكارلارنىمۇ ئىلگىرىكى گۇناھكارلارغا بەرگەن جازاسىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالايدۇ.
ئايەتتىكى «نېمئەت بېرىلگەنلەر» شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە رىئايە قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن قاچقان، ۋە ئىسلامنىڭ پۈتۈن ۋاجىپلىرىنى (يەنى پەرىزلىرىنى) ئادا قىلىپ ياشايدىغان مۆمىنلەردۇر.

Yorumlar