تەپسىرۇل مۇيەسسەر: تەكاسۇر سۈرىسى تەپسىرى
تەپسىرۇل
مۇيەسسەر: تەكاسۇر سۈرىسى تەپسىرى
[102:1] پۇل-مېلىڭلارنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ
كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن مەھرۇم
قويدى.
[102:2] سىلەرنىڭ پۇل-مال ۋە ئەۋلاتلار بىلەن
گول بولۇشۇڭلار تاكى قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغىنىڭلارغا قەدەر داۋاملاشتى.
[102:3] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش
سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! سىلەر يېقىندا
ئاخىرەت يۇرتىنىڭ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىلەر.
[102:4] شۇنداق؛ پۇل-مال ۋە ئەۋلادلار بىلەن
مەشغۇل بولۇپ، گوللىنىشتىن ساقلىنىڭلار! كەلگۈسىدە ئاخىرەتكە
كۆڭۈلۈشىمىگەنلىكىڭلارنىڭ ۋابالىنى كۆرىسىلەر.
[102:5،6،7،8] پۇل-مالنىڭ كۆپلىكى بىلەن
پەخىرلىنىش سىلەرنى بۇنداق گوللىمىسۇن! ئەگەر ئېنىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولساڭلار پۇل-مالغا گول بولمايتتىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا يۈگۈرگەن بولاتتىڭلار.
قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەھەننەمنى كۆرىسىلەر. يەنە قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر
جەھەننەمنى شەك-شۈبھىسىز كۆرىسىلەر. ئاندىن يەنە قەسەم قىلىمەنكى، قىيامەت كۈنى
(ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن) ھەر تۈرلۈك نېئمەتتىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
Yorumlar
Yorum Gönder