تەپسىرۇل مۇيەسسەر: لەيلى سۈرىسى تەپسىرى
تەپسىرۇل
مۇيەسسەر: لەيلى سۈرىسى تەپسىرى
قۇرئان تەپسىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى
ناھايىتى
شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
[4~92:1]
ئاللاھ تائالا قاراڭغۇلۇقى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى ياپقان كېچە بىلەن،
يورۇقلۇقى ئارقىلىق كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئايرىلىپ ئاشكارا بولغان كۈندۈز بىلەن،
ئۆزى ياراتقان ئەركەك ۋە چىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەخلۇقات بىلەن قەسەم
قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار خىلمۇخىلدۇر:
بەزىلىرىڭلار دۇنيا ئۈچۈن ئىشلەيسىلەر، يەنە بەزىلىرىڭلار ئاخىرەت ئۈچۈن
ئىشلەيسىلەر.
[7~92:5]
كىم مېلىدىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بەرسە، بۇ جەھەتتە ئاللاھتىن قورقۇپ تەقۋادارلىق
قىلسا، «لائىلاھە ئىللەللاھ \ ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق» كەلىمىسىگە ـــ بۇ كەلىمە
دالالەت قىلىدىغان مەنالارغا ۋە بۇ سۆزنى (چىن بىلەن ئېيتقاننىڭ) بەدىلىگە
بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا ئىشەنسە، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ۋە سالىھ كىشى بولۇشنىڭ يولىنى
كۆرسىتىمىز ۋە ئۇنى مۇشۇنداق بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىمىز، ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا
ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
[9~92:8] ئەگەر،
كىمدە كىم مېلىدىن (ياخشىلىق يوللىرغا) بەرمەي بېخىللىق قىلسا، رەببىنىڭ
مۇكاپاتىغا ئېھتىياجى يوقتەك ئىش-ھەرىكەتلەردە بولسا، «لائىلاھە ئىللەللاھ»
كەلىمىسىنى، بۇ كەلىمە دالالەت قىلىدىغان مەنالارنى ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە بېرىلىدىغان
مۇكاپاتنى يالغانغا چىقارسا ...
[11~92:10]
بىز ئۇنىڭغا بەدبەخت ئىنسان بولۇشنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز. ئۇنىڭ
بېخىللىق قىلىپ (ياخشىلىق يوللىرىغا) بەرمىگەن پۇل-ماللىرى ئۇ جەھەننەمگە
دومىلىتىلغان چاغدا ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ.
[13~92:12]
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ھىدايەت يولىنى ئازغۇنلۇق
يولىدىن ئايرىپ ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىش، لۇتفىمىز ۋە ھېكمىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن
بەلگىلىگەن بىر ھەقتۇر. ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىمۇ، دۇنيا ھاياتىنىڭ
ھۆكۈمدارلىقىمۇ يالغۇز بىزگە ئائىتتۇر.
[92:14] ئى
ئىنسانلار! مەن سىلەرنى گۈركىرەپ كۆيۈپ تۇرغان ئوت بىلەن ئاگاھلاندۇردۇم ۋە
ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىڭلارغا بۇيردۇمكى، بۇ ئوت جەھەننەمنىڭ ئوتىدۇر.
[16~92:15]
ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نى
يالغانغا چىقارغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن، ئاللاھقا
ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان بەدبەخت كىشىلەردىن باشقىسى
كىرمەيدۇ.
[21~92:17]
تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېلىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلغان،
تەقۋاسى يۇقىرى كىشىلەر جەھەننەمدىن ئۇزاق بولىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ (ياخشىلىق
يوللىرىغا) سەرپ قىلغان پۇل-مېلى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بىرىنىڭ ياخشىلىقىنى
قايتۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇل-مال ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ سەرپ قىلغان بۇ پۇل-مېلى
ئارقىلىق ئاللاھنىڭ جامالىنى ۋە رازىلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا
جەننەتتە ئۇ رازى بولىدىغان مۇكاپاتلارنى چوقۇم بېرىدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder