تەپسىرۇل مۇيەسسەر: سۈرە قەدرنىڭ تەپسىرى
تەپسىرۇل مۇيەسسەر:
سۈرە قەدرنىڭ تەپسىرى
مۇجتەھىدلەر
پەتىۋالىرى بلوگى تەرجىمە قىلدى
[97:1] بىز قۇرئاننى شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق.
بۇ كېچە رامزان ئېيىدىكى كېچىلەردىن بىرىدۇر.
[97:2] ئى پەيغەمبەر! قەدر ۋە شەرەپ كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
[97:3] قەدر كېچىسى مۇبارەك كېچە بولۇپ، قەدر كېچىسى قىلىنغان
سالىھ ئەمەل قەدر كېچىسى بولمىغان مىڭ ئايلىق ئەمەلدىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ
ئۈممەتكە قىلغان پەزلىدۇر.
[97:4] بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل رەببى بۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى
تەقدىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەكرار تەكرار چۈشىدۇ.
[97:5] بۇ كېچىدە تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئەمىنلىك-تېنىچلىق بولۇپ،
بۇ كېچىدە ھېچبىر يامانلىق يوقتۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder