9:31 ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئالىملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالدى
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ
وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّـهِ وَالْمَسِيحَ
ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَـٰهًا وَاحِدًا ۖ لَّا
إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ
عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھ
مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئالىملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالدى.
مەريەم ئوغلى ئىسانىمۇ ئىلاھ قىلىۋالدى. ئەسلىدە ئۇلار پەقەتلا ئاللاھقا ئىبادەت
قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك
كەلتۈرگەن نەرسلىرىدىن پاكتۇر. (9-سۈرە بەقەرە؛ 31-ئايەت)
بۇ
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
اتخذ اليهودُ
والنصارى العلماءَ والعُبَّادَ أربابًا يُشَرِّعون لهم الأحكام، فيلتزمون
بها ويتركون شرائع الله، واتخذوا المسيح عيسى ابن مريم إلهًا فعبدوه،
وقد أمرهم الله بعبادته وحده دون غيره، فهو الإله الحق لا إله إلا هو.
تنزَّه وتقدَّس عما يفتريه أهل الشرك والضلال.
[9:31] يەھۇدىي ۋە
ناسارالار ئالىملىرىنى ۋە ئابىدلىرىنى رەب تۇتىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى ۋە
ئابىدلىرى ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىراتتى، ئۇلار شۇ ئالىملىرى ۋە ئابىدلىرى چىقارغان
ھۆكۈمگە ئېسىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تەرك ئېتەتتى. شۇنداقلا، ئۇلار مەريەم ئوغلى
ئىسانى ئىلاھ قىلىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتى. ھالبۇكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ
ھەممىسىگە ـــ باشقىسىغا ئەمەس ـــ پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشنى بۇيرۇغان ئىدى.
چۈنكى، ھەق ئىلاھ ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ شېرىككە
ۋە ئازغۇنلۇققا چۈشكەن كىشىلەرنىڭ تۆھمەتلىرىدىن پاكتۇر ۋە ناھايىتى ئۇلۇغدۇر.
(تەفسىرۇل مۇيەسسەر)
Yorumlar
Yorum Gönder