9:111 ئاللاھ جەننەت بەدىلىگە ۋە جەننەتتىكى نىئمەتلەر بەدىلىگە مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى سېتىۋالدى
[9:111] ئاللاھ جەننەت بەدىلىگە ۋە جەننەتتىكى نىئمەتلەر بەدىلىگە
مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى سېتىۋالدى. چۈنكى، ئۇ مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ سۆزىنى ۋە دىنىنى
ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتا جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى
پىدا قىلىدۇ، بۇ يولدا ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆلتۈرلىدۇ. (مۆمىنلەرنىڭ جېنىنى جەننەت ۋە
جەننەتتىكى نىئمەتلەر بەدىلىگە سېتىۋېلىشىتىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى مۇساغا
نازىل قىلىنغان تەۋراتتا، ئىساغا نازىل قىلىنغان ئىنجىلدا، مۇھەممەد ئەلەيھى
سالاتۇۋەسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاندا مەۋجۇت بولغان، ئاللاھ ئورۇنداشنى ئۆز
ئۈستىگە ئالغان ۋەدىدۇر. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى تولۇق ئورۇندىغان كىشىلەر ئۈچۈن
ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشتا ئاللاھتىنمۇ سادىق ھېچكىم يوقتۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن ـــ
ئى مۆمىنلەر ـــ ئاللاھ بىلەن قىلغان بۇ تىجارىتىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە
قىلغان جەننەت ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار. مانا بۇ (يەنى
ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى بەدىلىگە جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلىش) پايدىسى
ئەڭ يۇقىرى، مۇۋەپپىقىيىتى ئەڭ ئۈستۈن تىجارەتتۇر. (تەپسىرۇل مۇيەسسەر)
Yorumlar
Yorum Gönder