9:100 قەۋم-قەبىلىلىرىنى تاشلاپ ئىسلام دىيارىغا كۆچكەن مۇھاجىرلار ۋە كاپىر دۈشمەنلىرىگە قارشى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ياردەم قىلغان ئەنسارىيلاردىن ئاللاھ رازى بولدى


[9:100] ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتىشتا بارچە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا بولغانلاردىن، يەنى قەۋم-قەبىلىلىرىنى تاشلاپ ئىسلام دىيارىغا كۆچكەن مۇھاجىرلار ۋە كاپىر دۈشمەنلىرىگە قارشى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ياردەم قىلغان ئەنسارىيلاردىن ئاللاھ رازى بولدى. شۇنداقلا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقاد، سۆز ۋە ئەمەل جەھەتتە يۇقارقىلارغا گۈزەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئىتائىتى ۋە ئىمانى سەۋەبلىك بۇلاردىنمۇ ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئىتائىتى ۋە ئىمانى سەۋەبلىك ئۆزىلىرگە بېرىلگەن مول مۇكاپاتلار يۈزىسىدىن ئاللاھتىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرنى ھازىرلىدى. مانا بۇ (جەننەت) بەكمۇ بۈيۈك مۇكاپاتتۇر ۋە نىجاتلىقتۇر.
بۇ ئايەتتە ساھابىلەر ماختالماقتا، ئۇلارنىڭ ئادىل، ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلمەكتە ۋە ئۇلار ماختاش بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. بۇ ۋەجىدىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. (9-سۈرە تەۋبە، 100-ئايەت تەپسىرى؛ تەپسىرۇل مۇيەسسەر)

Yorumlar