6:133 ئى پەيغەمبەر! سەن كىشىلەرنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان رەببىڭ ھېچنەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، رەببىڭنىڭ بايلىقتا تەڭدىشى يوقتۇر
[6:133] ئى پەيغەمبەر! سەن كىشىلەرنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان
رەببىڭ ھېچنەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، رەببىڭنىڭ بايلىقتا تەڭدىشى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ
پۈتكۈل بەندىلىرى ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ تەڭداشسىز رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر
خالىسا ئاللاھ سىلەرنى يوق قىلىپ، ئورنىڭلارغا باشقا بىر خەلقنى يارىتىدۇ؛ ئۇلار
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىمۇ سىلەردىن ئىلگىرى ياشىغان باشقا بىر
خەلقنىڭ نەسلىدىن ياراتقاندۇر. (6-سۈرە ئەنئام، 133-ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ تەپسىرۇل
مۇيەسسەر)
Yorumlar
Yorum Gönder