4:65: ئىمانىڭىز قاچان پۈتۈن بولغان بولىدۇ؟ بۇ ئايەتتىن غاپىل قالماڭ



{فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا}

{(ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى! ئۇلار ئۆز ئارىسىدا چىققان بارچە دەتالاشتا سېنىڭ ھۆكمىڭگە كەلمىگۈچە، ھەمدە سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا ھېچقانداق قارشىلىق يوق ھالدا، پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان ھېسابلانمايدۇ.} — سۈرە نىسا، 65-ئايەت

    تەپسىرۇل مۇيەسسەر تەپسىرى:
أقسم الله تعالى بنفسه الكريمة أن هؤلاء لا يؤمنون حقيقة حتى يجعلوك حكمًا فيما وقع بينهم من نزاع في حياتك، ويتحاكموا إلى سنتك بعد مماتك، ثم لا يجدوا في أنفسهم ضيقًا مما انتهى إليه حكمك، وينقادوا مع ذلك انقيادًا تاماً، فالحكم بما جاء به رسول الله صلى الله عليه وسلم من الكتاب والسنة في كل شأن من شؤون الحياة من صميم الإيمان مع الرضا والتسليم.
[4:65] (ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ شەرەپلىك نامى بىلەن قەسەم قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدا چىققان ئىختىلاپقا سەن ھاياتتىكى چاغدا سېنى ھۆكۈم قىلدۇرمىغۇچە، سەن ۋاپات تاپقاندىن كېيىن سېنىڭ سۈننىتىڭنى ھاكىم قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ ھۆكۈمىڭ سەۋەبلىك ئىچىدە ھېچقانداق بىئارامچىلىق تۇيمىغان ھالدا ھەققە كەلمىگۈچە، شۇنداقلا سەن چىقارغان ئۇ ھۆكۈمگە يۈزدە يۈز بويۇن ئەگمىگۈچە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن كىتاب ۋە سۈننەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇپ، تەسلىم بولۇش ئىماننىڭ جەۋھىرىدۇر.(تەپسىرۇل مۇيەسسەر)

تەپسىر ئىبنى كەسىر تەپسىرى:
ئاللاھ ئۆز زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممە ئىشىدا ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  شۇ ۋەجىدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقىغا (ئۇ بۇيرۇق مەيلى قىلىشنى، مەيلى قىلماسلىقنى بىلدۈرگەن بولسۇن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا بويسۇنۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئاشكارا ھەقىقەتتۇر.
 بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى مۇناپىقلارغىلا خاس بولۇپ قالماي، بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمىيدۇر.


tepsir.blogspot.com

Yorumlar