4:162 يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىشتە چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولغان، ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقانلار


    [4:162] لېكىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىشتە چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولغان، ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقانلار ـــ ئى پەيغەمبەر ـــ ئاللاھنىڭ بۇ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلغانلىقىغا، تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى بولسا سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامغا) نازىل قىلغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرىدۇ؛ نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ ۋە مېلىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ. ئاللاھقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ۋە ئەمەللەرگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) بېرىلىدىغان جازا-مۇكاپاتقا ئىمان ئېيتىدۇ. مانا بۇ خىل كىشىلەرگە ئاللاھ بۈيۈك بىر مۇكاپاتنى بېرىدۇكى، بۇ مۇكاپات جەننەتۇر. (4-سۈرە نىسا، 162-ئايەتنىڭ تەپسىرى؛ تەپسىرۇل مۇيەسسەر)

Yorumlar