30:59 ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ ئايىتىنىڭ تەپسىرى
تەپسىر:
«ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلەيدۇ»
ئابدۇللاھ تارىمى تەرجىمە قىلىپ توپلىدى
ئاللاھ
ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ:
{كَذٰلِكَ يَطْبَعُ اللّٰهُ عَلٰى قُلُوبِ الَّذ۪ينَ لَا
يَعْلَمُونَ}(30:59)
{ئاللاھ
بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.}
بۇ ئايەتنى تەپسىرشۇناس ئالىملار مۇنداق تەپسىرلىگەن:
تەبەرى
تەپسىرى:
ئەي
مۇھەممەد! سەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ۋەز-نەسىھەتلەرنى، ئوچۇق ئايەتلەرنى
بىلمىگەن ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى
ئاللاھ مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇكى، بۇنداقلار ئازغۇنلۇقلىرىدا ئەزۋەيلەپ قالىدۇ.
تەپسىرۇل مۇيەسسەر:
ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن بۇ ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ ۋە ئوپئوچۇق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ مانا مۇشۇنداق قۇلۇپلىۋېتىدۇ.
تەپسىرۇل مۇيەسسەر:
ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن بۇ ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ ۋە ئوپئوچۇق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ مانا مۇشۇنداق قۇلۇپلىۋېتىدۇ.
تەپسىر
ۋاھىدى:
ئاللاھ
تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلىبلىرىنى مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
تەپسىر
قۇرتۇبى:
تەۋھىد
دەلىللىرىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلىبلىرىنى ئاللاھ مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ. يەنى،
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە (ھەققە قارشى قوپقانلارنىڭ دىللىرىنى) ئاللاھتىن كەلگەن ئايەتلەرنى
چۈشەنمىسۇن دەپ (جازا سۈپىتىدە) مۆھۈرلىگىنىدەك، بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنىمۇ
مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
تەپسىر
ئابدۇرراھمان سەئدى:
بۇ
قەلىبلەرگە بۇ سەۋەبلىك (يەنى ئاللاھتىن
كەلگەن ھەق ئىلىمنى –قۇرئان ۋە سۈننەتنى- بىلمەسلىك) سەۋەبلىك ياخشىلىق كىرمەيدۇ.
مەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيىتىنى ئىدراك قىلىپ چۈشنەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ھەقنى باتىل،
باتىلنى ھەق دەپ چۈشنىدۇ.
****
شەرئىي
ئىلىمنى ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز تۇرسىمۇ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئوقۇش ۋە
ئۆگىنىشتە شۇنچىلىك كەڭرىچىلىككە، ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ شەرئىي ئىلىمدىن قېىچىشى، ھەتتا بەش ناماز ئوقۇپ،
روزا تۇتىدىغان ۋە ھەج قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان بولۇشىغا قارىماي شەرئىي
ئىلىمگە قىزىقماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ دىللىرى قۇلۇپلىنىپ كېتىگلىك. نەتىجىدە ئىبادەتلەردىن
ھوزۇر ئالالماسلىق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزى بولۇنسا قەلبى
تىتىرىمەسلىك، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغاندىن يۈز ئۆرۈپ، چەكلىگەننى قورقماستىن
قىلىش قاتارلىق ئەڭ ئوسال ئاقىۋەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ بىردىنبىر چارىسى،
ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ
قېتىرقىنىپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن.
Yorumlar
Yorum Gönder