27:4،5 ئاخىرەت يۇرتىغا ئىشەنمىگەن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلىمىگەنلەرگە ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتتۇق


[27:4،5] ئاخىرەت يۇرتىغا ئىشەنمىگەن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلىمىگەنلەرگە ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتتۇق. ئۇلارمۇ بۇ ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەل سانىدى. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار تەمتىرەش ئىلىكىدە بۇ يامان ئەمەللىرى ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. مانا شۇنداقلار ئۈچۈن دۇنيادا ـــ ئۆلتۈرۈلۈش، ئەسىرگە چۈشۈش، خارلىق ۋە مەغلۇبىيەت تىپىدىكى ـــ قاتتىق ئازاب بار. ئاخىرەتتە ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدا ھەممىدىن ئېغىر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ. (تەپسىرۇل مۇيەسسەر، نەمل سۈرىسى، 4،5-ئايەت)

Yorumlar