24:30 ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى ئۆزى ئۈچۈن ھالال بولمىغان ئاياللارغا قاراشتىن ۋە ئەۋرەت ھېسابلانغان ئەزالارغا قاراشتىن كۆزىنى يىغسۇن
[24:30] ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى
ئۆزى ئۈچۈن ھالال بولمىغان ئاياللارغا قاراشتىن ۋە ئەۋرەت ھېسابلانغان ئەزالارغا
قاراشتىن كۆزىنى يىغسۇن. ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن، لىۋاتەدىن (يەنى ئەر كىشىنىڭ باشقا
ئەركىشىنىڭ مەئقىتىگە جىما قىلىشتىن) ساقلىسۇن؛ ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ باشقىلارغا كۆرسىتىش
ۋە باشقا تۈردىكى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ
پاكتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا بۇيرۇغان ۋە ئۇلارنى چەكلىگەن ئىشلار
توغرىسىدا ئۇلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىدىن خەۋەرداردۇر. (تەپسىرۇل مۇيەسسەر، 4-سۈرە
نىسا، 3-ئايەت)
Yorumlar
Yorum Gönder