17:29 ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشتىن قولۇڭنى يۇمۇۋېلىپ ئۆزۈڭنى، ئائىلەڭنى ۋە موھتاجلارنى ئېغىرچىلىقتا قويما


وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَّحْسُورًا
ولا تمسك يدك عن الإنفاق في سبيل الخير، مضيِّقًا على نفسك وأهلك والمحتاجين، ولا تسرف في الإنفاق، فتعطي فوق طاقتك، فتقعد ملومًا يلومك الناس ويذمونك، نادمًا على تبذيرك وضياع مالك.

[17:29] ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشتىن قولۇڭنى يۇمۇۋېلىپ ئۆزۈڭنى، ئائىلەڭنى ۋە موھتاجلارنى ئېغىرچىلىقتا قويما. (ئائىلە، بالا-چاقاڭنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشتا كۈچۈڭ يەتكەن دائىرىدىن ھالقىپ چىقىم قىلما. بۇنداق قىلساڭ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدىغان بىرى بولۇپ قالىسەن. شۇنداقلا، ھەم بەتخەجلىكىڭگە، ھەم پۇل-مېلىڭنى زىيانغا ئۇچراتقىنىڭغا پۇشايمان قىلىپ قالىسەن. (تەپسىرۇل مۇيەسسەر)

Yorumlar