16:41 زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۈچۈن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلغانلارنى


    [16:41] زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۈچۈن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلغانلارنى ـــ قەسەمكى ـــ بىز دۇنيادا گۈزەل بىر يۇرتقا يەرلەشتۈرىمىز. ئاخىرەتتىكى مۇكاپات تېخىمۇ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن يۇرتىنى تەرك ئېتىپ ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتى جەننەتتۇر. ھىجرەت قىلماي قېلىپ قالغانلار ئەگەر ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھازىرلانغان ئەجىر ۋە مۇكاپاتلارنى ھەقىقىي مەنادا بىلگەن بولسا ھەرگىزمۇ ھىجرەتتىن قېلىپ قالمىغان بولاتتى. (تەپسىرۇل مۇيەسسەردىن 16-سۈرە نەھل، 41-ئايەت تەپسىرى)

Yorumlar