16:36 ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارغا، بۇتلارغا، ئۆلۈكلەرگە، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سىرتىدا دوست ۋە ئىلاھ قىلىۋېلىنغان كىشىلەرگە ياكى شەئىيلەرگە ئىبادەت قىلىشنى تاشلاشقا بۇيرۇيدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق


وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّـهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللَّـهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
    بىز ھەر بىر ئۈممەتكە شۇ ئۈممەتنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ۋە تاغۇتتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولدى، يەنە بەزى كىشىلەرگە ئازغۇنلۇق تېگىشلىك بولدى. سىلەر زېمىندا سەير قىلىپ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار. (16-سۈرە نەھل، 36-ئايەت)


بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ولقد بعثنا في كل أمة سبقَتْ رسولا آمرًا لهم بعبادة الله وطاعته وحده وتَرْكِ عبادة غيره من الشياطين والأوثان والأموات وغير ذلك مما يتخذ من دون الله وليًا، فكان منهم مَن هدى الله، فاتبع المرسلين، ومنهم المعاند الذي اتبع سبيل الغيِّ، فوجبت عليه الضلالة، فلم يوفقه الله. فامشوا في الأرض، وأبصروا بأعينكم كيف كان مآل هؤلاء المكذبين، وماذا حلَّ بهم مِن دمار؛ لتعتبروا؟ 

      [16:36] (ئاللاھ بىلەن) قەسەمكى، بىز ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ ھەر-بىرىگە ئۇلارنى پەقەتلا ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغان؛ ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارغا، بۇتلارغا، ئۆلۈكلەرگە، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سىرتىدا دوست ۋە ئىلاھ قىلىۋېلىنغان كىشىلەرگە ياكى شەئىيلەرگە  ئىبادەت قىلىشنى تاشلاشقا بۇيرۇيدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ھەر بىر ئۈممەتتىن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ ئۆز ھىدايىتىگە مۇيەسسەر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولدى. شۇنداقلا، ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئازغۇنلۇق يولىغا ئەگەشكەن سەركەش ئىنكارچىلاردىن بولدى. ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارغا ئازغۇنلۇق لايىق بولدى، ئالللاھ ئۇلارنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمىدى. يەر يۈزىدە كېزىپ ئاشۇ ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ۋە قانداق ھالاك قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىڭلار.(تەپسىرۇل مۇيەسسەر)

    «تاغۇت» كەلىمىسىنىڭ شەرھى:
    شەيخۇل ئىسلام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
    تاغۇت ـــ ئاللاھنىڭ سىرتىدا ئىبادەت قىلىنغان بارچە نەرسىدۇر.(كىتابۇت تەۋھىدتىن)

    
    تەپىسرۇل مۇيەسسەردە، يۇقارقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە «تاغۇت» كەلىمىسى مۇنداق شەرھلەنگەن:
    تاغۇت ـــ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان شەيتانلار، بۇتلار، ئۆلۈكلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سىرتىدا دوست ۋە ئىلاھ قىلىۋېلىنغان كىشىلەر ياكى شەئىيلەردۇر.
    


  
 

Yorumlar