[3:159] ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋە ساھابىلىرىڭگە رەھمەت قىلىپ ساڭا ئۆز لۇتفىدىن ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلىرىڭگە يۇمشاق مۇئامىلىدە بولدۇڭ



فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّـهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
فبرحمة من الله لك ولأصحابك -أيها النبي- منَّ الله عليك فكنت رفيقًا بهم، ولو كنت سيِّئ الخُلق قاسي القلب، لانْصَرَفَ أصحابك من حولك، فلا تؤاخذهم بما كان منهم في غزوة "أُحد"، واسأل الله -أيها النبي- أن يغفر لهم، وشاورهم في الأمور التي تحتاج إلى مشورة، فإذا عزمت على أمر من الأمور -بعد الاستشارة- فأَمْضِه معتمدًا على الله وحده، إن الله يحب المتوكلين عليه.
[3:159] ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋە ساھابىلىرىڭگە رەھمەت قىلىپ ساڭا ئۆز لۇتفىدىن ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلىرىڭگە يۇمشاق مۇئامىلىدە بولدۇڭ. ئەگەر سەن خۇيى ئەسكى، باغرى تاش بولغان بولساڭ ساھابىلىرىڭ ئەتىراپىڭدىن تارقىلىپ كەتكەن بولاتتى. بۇ ۋەجىدىن، ئۇلارنى ئوھۇد غازىتىدا قىلغان قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئەيىپلەپ يۈرمىگىن؛ شۇنداقلا – ئى پەيغەمبەر – ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىگىن! مەسلىھەتلىشىشكە ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلادا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكىن! مەسلىھەت ئۈچۈن باش قوشۇشقاندىن كېيىن ھەر قانداق بىر ئىشقا قارار قىلغان بولساڭ، يالغۇزلا ئاللاھقا ئىشىنىپ تايانغىن ۋە قارار قىلغان ئۇ ئىشىڭنى قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىگە ئىشىنىپ تايانغان (تەۋەككۇل قىلغان) كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.(تەپسىرۇل مۇيەسسەر) tepsir.blogspot.com

Yorumlar