[3:151] بىز (ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ قەلبىگە شىددەتلىك قورقۇنچ يەرلەشتۈرىمىز

َنُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَا أَشْرَكُوا بِاللَّـهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا ۖ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى الظَّالِمِينَ
سنقذف في قلوب الذين كفروا أشدَّ الفزع والخوف بسبب إشراكهم بالله آلهة مزعومة، ليس لهم دليل أو برهان على استحقاقها للعبادة مع الله، فحالتهم في الدنيا: رعب وهلع من المؤمنين، أما مكانهم في الآخرة الذي يأوون إليه فهو النار؛ وذلك بسبب ظلمهم وعدوانهم، وساء هذا المقام مقامًا لهم.
[3:151] بىز (ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ قەلبىگە شىددەتلىك قورقۇنچ يەرلەشتۈرىمىز. بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاللاھقا ساختا ئىلاھلارنى شېرىك قىلدى. ھالبۇكى ئۇ (كاپىر) لارنىڭ قولىدا ساختا ئىلاھلارغا ئاللاھقا قوشۇپ ئىبادەت قىلىشىنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ھالى مۆمىنلەرگە سېلىشتۇرغاندا قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە بارىدىغان يېرى جەھەننەم ئوتىدۇر. ئۇلارنىڭ جەھەننەمگە كىرىش سەۋەبى قىلغان زۇلۇملىرى، (ھەققە ۋە مۆمىنلەرگە قارشى) دۈشمەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ بارار جايى بولغان جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي-ھە! (تەپسىر مۇيەسسەر)

Yorumlar